ARTICLESNEWS

ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئەمگەك تەپتىش دوكلاتىنى ئاشكارلىدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتون (د.س.) دىكى ئ‍شىخانا ئادرېسىغا ئەۋەتىلگەن ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئەمگەك تەپتىش دوكلاتىنى ئاشكارىلاپ، ۋولكسۋاگېننىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق سىياسەتلىرىگە  ئورتاق بولغانلىقىنى ئاقلاشنى مەخسەت قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. گۇئاڭدۇڭ لياڭما قانۇن مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، بېرلىندىكى لۆنىڭ مەسلىھەت شېركىتى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان بۇ تەپتىشلىك خىزمىتى، خەلقارالىق ئىجدىمائىي جاۋاپكارلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. ۋولكسۋاگېننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدىكى ئەيىپلەشلەردىن ئاقلىنىپ، تازىلىنىشقا ئۇرۇنۇش داۋاسىنىڭ يالغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتاق-ئابروينى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ساختا كۆرۈنۈشنىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

One thought on “ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلگەن ئەمگەك تەپتىش دوكلاتىنى ئاشكارلىدى

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *