شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى تۈركىيە پالامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى زىيارەت قىلدى

9-يانۋار كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئەنقەرەگە بېرىپ بىر يۈرۈش رەسمىي زىيارەتلەر ئېلىپ باردى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئورگاان ۋە شەخسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا دوكىلات بەردى ۋە بىر تۈركۈم تەلەپلىرىنى سۇندى.
9 – يانۋار كۈنى ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرى ، شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىق خانىمنى ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىق 7 كىشىلىلىك شەرقىي تۈركسىتان ھەيئىتى، دەريان يانىق خانىم بىلەن ئۇچرىشىشتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشتى.
تۈركىيە پارالامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن باشقا يەنە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دەريا يانىق خانىم شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن X تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركسىتاننى ھەر زامان قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ باياناتتا مۇنداق يېزىلغان: «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى زېمىنلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بىز تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بىز تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. شۇنداقلا پىرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييپ ئەردوغان يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خەلقئارادا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى پارلامېنتىمىزدا مېھمىنىمىز بولدى. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن».
دەريا يانىق خانىم بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركسىتان ھەيئىتى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بەردى ۋە ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەيئەت دەريا يانىق خانىمدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيەنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇچرىشىشقا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يەنە تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان تۈركىيە گىراژدانى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى، بەزى دۆلەتلەردە قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى يەتكۈزگەن. ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دەريا يانىق خانىم بۇ مەسىلىلەردە ئىجابىي جاۋاب بېرىپ، پىرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا ئۆزلىرىگە يول يورۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇدىرى دەريا يانىق خانىم بىلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان نوزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، دەريا يانىق خانىمغا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە دەريا يانىق خانىم 1990-يىللاردا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ يەنە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى بولغانىدى.