未分类

روسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن كېيىن، ئارمىيەگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەش بۇيرىقى چۈشۈردى.

روسىيە تەرەپ يەكشەنبە كۈنى، پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن ئارمىيەگە ئۇكرائىناغا شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئاۋىدىۋىكا ۋە دونېتسىك ئەتراپىدىكى ئەۋزەل ئورۇنلارنى كونتىرول قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، روسىيە ئەسكەرلىرى دونېتسىك رايونىدىكى كلىشچىۋىۋكا ، دىلېيېۋكا ۋە كۇردىيۇمىۋكا ئەتراپىدىكى ئۇكرائىنا قىسىملىرىنى ئارقىغا چېكىندۈرگەن.

باياناتتا «دونېتسىك يۆنىلىشىدە، بىر تۈركۈم قىسىملار ئالدىنقى سەپنى بويلاپ ۋەزىيەتنى ياخشىلاپ ، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 22-، 28-ۋە 92-ماشىنىلاشقان بىرىگادىلىرىنى كلىشچىۋىۋكا ، دىلېيېۋكا ۋە كۇردىيۇمىۋكا قاتارلىق جايلاردىن چېكىندۈردى» دېيىلدى.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ رايوندا يەتتە قېتىم ئۇكرائىنانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىق يەنە جەمئىي 77 ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *